باش بەت قىلىش پويىز ۋاقتىنى تەكشۇرۇش IP ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﭘﻮﭼﺘﺎ ﻧﯘﻣﯩﺮﻯ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻳﺎﻧﻔﯘﻥ ﻧﯘﻣﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﺎﻳﺮﯗﭘﯩﻼﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻫﺎﯞﺍﺭﺍﻳﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ
  • شەيتاننى خىجىل قىلۋەتكەن ئادەملەر

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://karakqe.blogbus.com/logs/38763436.html

    ئادەم تۇرۇپ ئادىمىيلىكتىن ياتسىرىدى ئادەملەر،
    پاك تۇغۇلۇپ ناپاكلىققا قەدەم ئالدى ئادەملەر.  
    ھىيلىگەرلىكتە تۈلكىگە ئۇستاز بۇلۇپ ئادەملەر،
    شەيتانغىمۇ داپ چىلىپ ئۇسۇلغا سالدى ئادەملەر.
     
    مايمۇن مىڭ يىلدا بەك تەستە ئۆزگەرگەنتى ئادەمگە،
    ئېشىپ كەتكەچ ئەقلىمىز مايمۇن بولدۇق بىر دەمدە.
    شەيتان تىرىشقان ئادەمنى مايمۇن قىلىشقا ھەر يەردە،
    شەيتان بىلەن مۇسابىقىلىشپ يىڭىپ چىقتى ئادەملەر.
     
     كۈلسەك زەئىپ كۈلدۇق بىز ياراشمامتى چىن كۈلكە،  
    چىن ھەقىيقەت راستلىقنى سورىۋەتتۇق پەلەككە.
    يۇمىلاپ يۈرۈپ قاندۇرۇپ ئوت نەپسىنى پەسلىكتە،  
    غورور ۋىجدان تۈۋرۈكىنى سۇندۇرۋەتتى ئادەملەر
      ئەخلاق،ھايا-نۇمۇسنى قالاقلىق دەپ چۆرىگەچ،
    يىڭىلىقنى مەدەنيەت دەپ ياخشى ئىلغاپ كۆرمىگەچ
    ۋارىسلىق قىلدىغىنىم قايسى دەپ يۈرەكنى تۇتۇپ كۆرمىگەچ،  
    ئۆزى خالاپ خارلىقنى يار قىلۋالدى ئادەملەملەر
     
    باشقىلارنىڭ مىڭىسىنى ئۆزىدىن ئۈستۈن بىلگەچكە،
    يول ئاستىدا تۈز تۇرسا ئەگرى چىقىرىپ يۈرگەچكە.  
    زەي-شورلۇقتا تۇرسىمۇ ھۇزۇر بىلىپ كۈلگەچكە،  
    قانائەتنىڭ قەپىسىگە مەھكۇم بولدى ئادەملەر.

     

      يىقىلغاندا دوستىمىز تاماشا كۆرۈپ تۇرغاچقا،  
    پاكلىققا ئەقىدە قىلماستىن زەيپانىلىككە قاچقاچقا.  
    سەمىمىيلىك گۇناھ دەپ بۇۋاقلىقتا بۇغقاچقا،  
    زەي-قاراڭغۇ پاتقاققا چۈكۈپ كەتتى ئادەملەر.

     

    شەيتان ئىزدەپ كەلمىسىمۇ ئۆزىمىز بېرىپ ئالدىغا،  
    ھايىت-ھۇيىت قىلپ شەيتاننى دەسسىتۋەتتۇق ساماغا.  
    شەيتان كۆزىگە ئىشەنمەي ھەيران بولدى دۇنياغا،  
    شەيتاننىمۇ ئازدۇرۇپ خىجىل قىلدى ئادەملەر.

     

     

        قالارمىزمۇ بىر كۈنى ئەزرائىلغا يىلىنىپ،
    «پۇشايمان قاچىسى» بەرگىن دەپ يۈكۈنۈپ يىغلاپ تىزلىنىپ.  
    ئازغان ھەر بىر قەدەمگە بانا-سەۋەپ تىپىۋىلىپ،
    چۆل-باياۋاندا روھىنى تاشلاپ قويدى ئادەملەر.

     

    مۇشۇ ئىزىدا مىڭىپ بىز يەتمەكچى قانداق مەنزىلگە، `
    شۇنچە كەڭرى جاھانمۇ تار كەلدىغۇ ئادەمگە.  
    بىر كۈنلەردە زۇلمەتتىن باغلانغاندا زەنجىرگە،  
    چىقىپ بۇلالماي سازلىقتىن تۆۋە قىلار ئادەملەر.

      مەنبە :

    ئەسلى مەنبە : مسرانىم مۇنبردكى شاھسەنەمنڭ ئجاديتى


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ئىلىم-پەن بىلوگىنىڭ ئادرىسىنى www.ilim-pen.com غا ئۆزگەرتىپ قويغان بولسىڭىز .